تۈركىيە بېرلىندىكى جامە ئاختۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ پايتەخت بېرلىندىكى «مەۋلانا جامەسى» نى ئاختۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1514372
تۈركىيە بېرلىندىكى جامە ئاختۇرۇشىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بېرلىندىكى «مەۋلانا جامەسى» دە جامائەت بامدات نامىزى ئۈچۈن توپلانغان ئەسنادا، گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ مالىيە مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش دائىرىسىدە جامەنى ئاختۇرغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامەنىڭ شەھەردىكى ئەڭ قەدىمكى ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىلاردىن بىرى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ <مەۋلانا جامەسى> نى ئاختۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بۇ قەبىھ ھەرىكەت ئارقىلىق ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە كۆرسىتىلىشكە تېگىشلىك سەزگۈرلۈككە سەل قارالغان. ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، جامەنىڭ ئىچىدە قونچلۇق بەتىنكىلىرى بىلەن ئايلىنىشى ۋە ئىبادەتخانىنى مەينەت قىلىۋېتىشىنى قوبۇل قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ قەبىھ ھەرىكەتنىڭ پىكىر ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە باشقىلارغا ۋەز – نەسىھەتتە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان بىر دۆلەتنىڭ پايتەختىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى تولىمۇ مەنىلىكتۇر.»

ئاختۇرۇشنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيەتكە قارشى ئىزاھات بېرىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان باياناتتا، يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئاختۇرۇش گېرمانىيەدە سانى 5 مىليونغا يېقىنلاشقان مۇسۇلمان جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان گۇمانىي قاراش، ئايرىمچىلىق ۋە تەڭسىز مۇئامىلىنىڭ يېڭى بىر ئۆرنىكىدۇر. مۇسۇلمانلار تېخىمۇ كۆپ چەتكە قېقىلماستىن ۋە ئايرىمچىلىققا دۇچ كەلمەستىن بۇرۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، بېرلىن دائىرىلىرى ئىدراك قىلىشلىرى كېرەك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر