بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 71 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 71 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1514237
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن تۈركىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن 71 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 9 مىڭ 584 كە چىقتى.
بىر كۈندە 117 مىڭ 198كىشى تەكشۈرۈلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 مىڭ 102كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى. ئوخشاش ۋاقىتتا، داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 581 كىشى بىلەن، سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 310 مىڭ 27 گە چىقتى.