سۈرىيەدە نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
1513190
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، مىناميوت ۋە راكېتامىيوتلار ئارقىلىق پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ مەنسۇبى 9 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.»