ئەردوغان ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنى خاتىرىلەپ ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەالىيا ئىززەتبېگوۋىچ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 17 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.
1512166
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تارتقان ئۇچۇرىدا، ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنى «ھۆرمەت ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئەسلەيدىغانلىقى»نى بىلدۈرۈپ، ئىززەتبېگوۋىچنىڭ فوتو – سۈرىتى بىلەن بىرلىكتە «ھايات ئىمان ئېيتقان ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇتالمايدىغان بىر ئويۇندۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
سېرىبلار بىلەن كىروۋاتلارنىڭ بوسنىيە- گېرتسېگوۋىنانى ئۆزئارا تەقسىملىۋېلىش مەقسىتىدە 1990 – يىللاردا باشلىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشقا مۇۋەپپەق بولغان ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ، 2003 – يىلى 19 – ئۆكتەبىردە ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.