خاتايدا 2 تېرروورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

خاتاي-دورتيول يېزىلىرىدا «يىلدىرىم 5 ئامانوسلار ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە  2 تېرورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1511154
خاتايدا 2 تېرروورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «يىلدىرىم 5 ئامانوسلار ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە، خاتاينىڭ دورتيول ۋىلايىتى ناھىيەسى يېزىلىرىدا ۋىلايەتلىك ژاندارما قوماندانلىق ئىشتابىغا قاراشلىق ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى تەرىپىدىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭمۇ ھەمكارلىشىشى بىلەن ھەرىكەتتە، 2 تېرورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

رايوندا ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر