خۇلۇسى ئاقار ھەم ئەرمېنىيە ھۇجۇمى، ھەم ئورۇچ رەئىس بۇرغۇلاش پاراخوتى ئۈستىدە توختالدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەرمېنىيەنىڭ گەنجەگە قىلغان ھۇجۇمىغا قارىتا، «ئەرمېنىيە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت سادىر قىلماقتا. نە خەلقئارا قانۇنغا، نە ئىنسانىي قىممەت قاراشلارغا ھۆرمەت قىلمايۋاتماقتا» دېدى.

1507456
خۇلۇسى ئاقار ھەم ئەرمېنىيە ھۇجۇمى، ھەم ئورۇچ رەئىس بۇرغۇلاش پاراخوتى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ئەرمېنىيەنىڭ گەنجەگە قىلغان ھۇجۇمى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇلارنىڭ ھېسابىنى ھەم  تارىخ ئالدىدا، ھەم خەلقئارا قانۇن ئالدىدا چوقۇم بىر كۈنى بېرىدۇ. ئەرمېنىيە ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە خىلاپ جىنايەت سادىر قىلماقتا. نە خەلقئارا قانۇنغا، نە ئىنسانىي قىممەت قاراشلارغا ھۆرمەت قىلمايۋاتماقتا» دېدى.

مىنىستىر خۇلۇسى ئاقار ئورۇچ رەئىس بۇرغۇلاش پاراخوتىنىڭ (ئاقدېڭىزدا) پىلانلىق پائالىيىتىنى پروگراممىلىق ھالدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «دېڭىز ئارمىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئېھتىياج دائىرىسىدە تەتقىقات پاراخوتلىرىمىزغا زۆرۈر بولغان ھەمراھلىق ۋە قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر