ئالبايراق قاتار ۋە كۇۋەيت زىيارەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق قاتار ۋە ۋە كۇۋەيت زىيارەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى.

1505016
ئالبايراق قاتار ۋە كۇۋەيت زىيارەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە، كۇۋەيت ۋە قاتاردا بىر كۈنلۈك زىيارەتتە بولدۇق. يېقىندا ۋاپات بولغان كۇۋەيت ئەمىرى ساباھ ئەسساباھ ئەلجابىر ئەسساباھ ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردۇق. قاتار بىلەنمۇ رايونلۇق ھەمكارلىق مەسىلىسىدە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردۇق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر