چاۋۇشئوغلۇ تۈرك شېھىتگاھلىقىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ براتىسلاۋا تۈرك شېھىتگاھلىقى ۋە خاتىرە مۇنارىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى.

1505145
چاۋۇشئوغلۇ تۈرك شېھىتگاھلىقىنى خىزمەتكە كىرىشتۈردى
Cavusoglu Bratislava Turk Sehitligi1.jpg
Cavusoglu Bratislava Turk Sehitligi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، 15 – نۆۋەتلىك «يەر شارى خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مۇنبىرى» يىغىنى ئۈچۈن سىلوۋاكىيەنىڭ پايتەختى براتىسلاۋاغا يېتىپ باردى، ھەمدە بۇ دائىرىدە، سىلوۋاكىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىۋان كورچوك ۋە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇختار تلېبەردى بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

براتىسلاۋا تۈرك شېھىتگاھلىقى ۋە خاتىرە مۇنارىنىمۇ ئىشقا كىرىشتۈرگەن چاۋۇشئوغلۇ، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە «گالىچيا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى» دە شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ مازارلىرىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

چاۋۇشئوغلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «<گالىچيا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسى> دە بىزدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ قالغان شېھىتلىرىمىزنىڭ قىممەتلىق خاتىرىسىنى، دوست دۆلەت سىلوۋاكىيە زېمىنلىرىدا ئەبەدىلئەبەد ياشىتىش ئۈچۈن، براتىسلاۋا تۈرك شېھىتگاھلىقى ۋە خاتىرە مۇنارىنى سىلوۋاكىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىۋان كورچوك بىلەن بىرلىكتە خىزمەتكە كىرىشتۈردۇق. بارلىق شېھىتلىرىمىزنى چەكسىز ھۆرمەت، ئىپتىخارلىق، مىننەتدارلىق ۋە ئىلاھىي رەھمەت تۇيغۇسى ئىچىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر