گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

مۇغلانىڭ مارمارىس ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان يەلكەنلىك ساياھەت كېمىسىدىكى 54 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1503434
گىرېتسىيە تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان ئونلارچە كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى، مارمارىس دېڭىز تەۋەلىكىدىكى بىر ساياھەت كېمىسىدە بىر توپ كۆچمەننىڭ بارلىقى توغرىسىدا مەلۇم قىلىش ئۇچۇرى تاپشۇرۇۋېلىپ، رايونغا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتتى.

قۇتقۇزۇش ئەترىتى، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغان 54 كۆچمەننى كېمىگە ئېلىپ قۇرۇقلۇققا ئېلىپ چىقتى.

پورتقا ئېلىپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەردىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر