تېررورىستلار تىزىملىكىدە ئىككى ئىسىم ئازايدى

تۇنجەلىدە بىرى قىزىل رەڭلىك، يەنە بىرى قىزغۇچ رەڭلىك كاتېگورىيەدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىككى تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

1502947
تېررورىستلار تىزىملىكىدە ئىككى ئىسىم ئازايدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان تېررورىستلار تىزىملىكىدىن ئىككى تېررورىستنىڭ ئازايغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، تۇنجەلى-ئوۋاجىك ئەتراپىدا، 2020-يىلى 2-ئۆكتەبىر  ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىقى تەرىپىدىن «4-چاقماق» ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە ئىككى تېررورىستنىڭ قوراللىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

بىر تەرەپ قىلىنغان تېرروىستلاردىن بىرىنىڭ، قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ت ك پ|م ل تىككو (TKP/ML TİKKO) نىڭ تۇنجەلى مەسئۇلى «ئۆزگۈر» كودلۇق ئەلى كەمال يىلماز ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. مەزكۇر تېررورىستنىڭ 2007-يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، مېنا ۋە پارتلاتقۇچ ياساشتا مۇتەخەسسىس ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

بىر تەرەپ قىلىنغان يەنە بىر تېرروىستنىڭ، قىزغۇچ رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ت ك پ|م ل تىككونىڭ ئاياللارغا مەسئۇل «ئاسىم» كودلۇق گۆكچە كۇربان ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر