ئەردوغان: قۇددۇسنى قوغداش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇددۇسنى قوغداشنىڭ ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1502351
ئەردوغان: قۇددۇسنى قوغداش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى
kudus konferansi.jpg
kudus'un isiklari.jpg
kudus.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان (سىياسىي پارتىيە) ھۇدا پار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «خەلقئارالىق سالاھىددىن ئەييۇبى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» مۇناسىۋىتى بىلەن پارتىيە رەئىسى ئىسھاق سالامغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا، قۇددۇسنىڭ ئىككىنچى فاتىھى سالاھىددىن ئەييۇبىنى ۋە قەھرىمان ئەسكەرلىرىنى ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «سالاھىددىن ئەييۇبى <ئاللاھنىڭ ئۆيى ئاسارەت ئاستىدا تۇرسا، سالاھىددىن قانداقمۇ ئۆز ئۆيىدە ئۇخلىيالىسۇن؟> دېگەن قۇددۇس ئاشىقى، كاتتا قوماندان ئىدى » دېدى.

ئەردوغان ئىستىقلال مارشى شائىرى مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭمۇ سالاھىددىن ئەييۇبىنى «شەرقنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك سۇلتانى» دەپ تەرىپلەنگەنلىكىنى، سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىلا ئەمەس، بەلكى ئادالىتى، جاسارىتى، رەھىمدىللىكى ۋە قەھرىمانلىقى بىلەن رەقىبلىرىنىڭ نەزىرىدىمۇ باشقىچە ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «سالاھىددىن ئاييۇبىنىڭ بىزگە قالدۇرغان ئەڭ چوڭ ئامانىتى؛ ئەھلى سەلىپلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، قايتىدىن ئازادلىققا ئېرىشتۈرگەن ئىككىنچى قىبلىمىز قۇددۇستۇر. قۇددۇسنى قايتىدىن بەرپا قىلغان شۇنداقلا بارلىق ئېتىقادلارغا نىسبەتەن بىر ئامانلىق ۋە ئىشەنچ ماكانىغا ئايلاندۇرغان بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدۇر» دېدى.

قۇددۇسقا ئىگە چىقىش  ھەمدە ئۇنىڭغا كېرەكلىك ھۆرمەت ۋە سەزگۈرلۈكنى كۆرسىتىش، ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى قانۇنلۇق ھالغا كەلتۈرىدىغان، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنى ۋە پەلەستىن زېمىنىنى قوشۇۋېلىش پىلانىنى تەستىقلايدىغان ۋە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھەق – ھوقۇقلىرىنى يوققا چىقىرىدىغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇش سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ ئامانىتىگە قىلىنغان خىيانەتتۇر» دېدى.

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ «نورماللاشتۇرۇش» قەدەملىرى (ئىسرائىلىيەنىڭ ئاقسارايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەين بىلەن ئىمزالىغان نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى) نامىدا تىرىشچانلىقلىرى كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە چاقىرىلغان بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ ئامانىتىگە ئۇيغۇن شەكىلدە ئۈممەتنىڭ بەخت-سائادىتى ۋە قۇددۇسنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن خەيرىلىك نەتىجىلەرگە ۋەسىلە بولۇشىنى تىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر