يۈزلەرچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

سېنتەبىر ئېيىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا 171 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

1501735
يۈزلەرچە تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇنچە مىنىستىرلىق باياناتچىسى ئىسمائىل چاتاقلى، مىنىستىرلىقنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئايلىق مۇخبىرلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى» دا مۇنداق دېدى: «ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەت بىخەتەرلىكنى قوغداش ھەربىي ھەرىكەتلىرى دائىرىسىدە، سېنتەبىر ئېيىدا يېزا – قىشلاقلاردا 9 ى كەڭ كۆلەملىك، 23 ى تار دائىرىلىك بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 229، شەھەرلەردە 1425 ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا، <تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلار تىزىملىكى> گە كىرگۈزۈلگەن 12 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، 171 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. بۇلاردىن 67 سى ئۆلۈك، 74 ى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى، 30 ى تەسلىم بولدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر