ئەردوغان پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلغاندا، ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1501061
ئەردوغان پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئىككى ئايلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن، بۈگۈن خىزمەتلىرىنى باشلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 27-نۆۋەتلىك 4-قانۇن چىقىرىش يىلىنىڭ ئېچىلىشى مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمىي كېڭىشىگە خىتاب قىلدى.

ئۇ: «قىبرىس ۋە ئەزەربەيجان تۈركلىرىدىن بالقانلار ۋە شىمالىي ئافرىقىغىچە بولغان ھەر يەردە قېرىنداشلىرىمىزنى سەمىمىي ھالدا قوللىغان مەجلىسىمىز، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە بارلىق دوستلىرىمىزنىڭمۇ ئۈمىد مەنبەسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ‹ئىككى دۆلەت بىر مىللەت› دەپ بىلىدىغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا بارلىق ئىمكانىيەتلىرىمىز ۋە چىن كۆڭلىمىز بىلەن قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنىڭ يولى، ئەرمەنلەرنىڭ ئىشغال قىلىۋالغان ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن چىقىپ كېتىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

« ھەممە ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، تۈركىيەگە تۆھمەت قىلىش غەيرىتى ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنى قۇتقۇزالالمايدۇ. بۇ قاراقچى دۆلەت (ئەرمېنىيە) كە ياردەم قىلغانلارنى، بىر كۈنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ۋىجدانى ئالدىدا ھېساب سورىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرىمەن.»

ئۇ ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ، «تاغلىق قاراباغدىكى ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان ئىختىلاپلىرىغا تۈركىيەنىڭ ئارىلاشماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن خەلقئارالىق جەمئىيەتكە چاقىرىق قىلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىز قىلىدىغان ئىشىمىزنى پاشىنياندىن سورىمايمىز. بىز بۇنىڭ قارارىنى ئۆزىمىز بەردۇق» دېدى.

ئۇ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش توغرىسىدا توختالغاندا، ئىراق چېگراسىدىكى تېررورلۇق ئۇۋىلىرى پۈتۈنلەي يوقىتىلغىچە ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىزدا توقۇنۇش، قانۇنسىزلىق ۋە جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشنىڭ كويىدا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ: «ھەق-ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز. ئاقدېڭىزدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچنى بۆلۈشۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلارنى ھەققانىيەت ئاساسىدا ھەل قىلىشقا ئالدىن ئەھمىيەت بېرىمىز» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشلىرىنىڭ ئەسىرىگە چۈشۈپ، تەسىرى ۋە ئۇپۇقى يوق، تېيىز قۇرۇلما ھالىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رايونىمىزدا پەيدا بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىختىيارلىقىدا ۋە تەسىرى بىلەن ھەل قىلىنغان بىر ئىشمۇ يوق. دەل ئەكسىچە، ئىتتىپاق ئارىلاشقان ھەر كىرىزىس يېڭى تۈس ئېلىپ تېخىمۇ چوڭىيىدۇ.»

ئۇ ئاخىرىدا: «بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا كۆز-ياش ئىچىدە تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان بۇ شەھەر (قۇددۇس) دە، ھازىرمۇ ئوسمانلىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىزلىرىنى كۆرۈش مۇمكىن. يەنى، قۇددۇس بىزنىڭ شەھىرىمىزدۇر. مەزلۇم پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى ھەممە مۇنبەردە تىلغا ئېلىشنى، دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىز نامىدىن شەرەپ قوبۇل قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر