بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 67 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» (Kovid-19) سەۋەبىدىن 67 كىشى قازا قىلدى.
1501204
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 67 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 8 مىڭ 262 گە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 113 مىڭ 546 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 407 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 402 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 281 مىڭ 151 كىشىگە يەتتى.