ئاتاكۇلەدە ئەزەربەيجان بايرىقىنىڭ رەڭلىرى چاقنىدى
ئەنقەرەنىڭ سىمۋوللىرىنىڭ بىرى بولغان ئاتاكۇلە (مۇنار)، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە قېرىنداش دۆلەتنىڭ بايرىقىنىڭ رەڭلىرى بىلەن يورۇتۇلدى.
1499153
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ، ئەرمېنىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا قارشى دوست ۋە قېرىنداش ئەزەربەيجان خەلقى بىلەن بىرلىك، ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنىڭ سىگنالىنى بېرىش مەقسىتىدە ئاتاكۇلە، قېرىنداش دۆلەتنىڭ بايراق رەڭگىدە كۆك ، قىزىل ۋە يېشىل چىراغلار بىلەن يورۇتۇلدى.
مۇنارنىڭ يۇقىرىسىدىكى ئېكرانلاردا «ئىككى دۆلەت بىر مىللەت، جان ئەزەربەيجان» دېگەن خەتلەر ئورۇن ئالدى، سودا مەركىزىدىكى چوڭ ئېكراندا بولسا، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرى لەپىلدى.