ئاقار: ئاداققىچە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش يولىدا كۈرەش قىلىۋاتقان ئەزەربەيجاننىڭ ئاداققىچە يېنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1498087
ئاقار: ئاداققىچە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەسەنوۋدىن ساھەدىكى ئاخىرقى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «شېھىت ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا  شىپالىق تىلەيمىز. ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش كۈرىشىدە، پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ئاداققىچە ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر