تۈركىيە ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجاندا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارا جەمئىيەتنى ھەقلىق تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىردى.

1498046
تۈركىيە ئەرمېنىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئەرمېنىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ۋە تەرتەر رايونىغا قاراشلىق قاپانلى، ئاغدام رايونىغا قاراشلىق چىراقلى ۋە ئورتاكەنبەت، فۇزۇلى رايونىغا قاراشلىق ئالھاملى ۋە شۈكۈربەيلى، ھەمدە جېبيارىل رايونىغا قاراشلىق چوچۇقمەرجانلى يېزىلىرىنى ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار بىلەن توپقا تۇتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا خەۋر تاپقانلىقلىرىنى، خەلقئارا قانۇن ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا دەپسەن قىلىنغان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەرمېنىيەنىڭ بۇ ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھۇجۇملار ئارقىلىق، ئەرمېنىيە ئۆزىنىڭ رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى. ئەزەربەيجاننىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىدۇ. بۇ باسقۇچتا، بىر تەن، بىر جان سۈپىتىدە تۈركىيە ئەزەربەيجاننى تولۇق قوللايدۇ. ئەزەربەيجان قانداق خالىسا، شۇ شەكىلدە ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا بولىمىز. خەلقئارا جەمئىيەتنىمۇ كىم ھەقلىق بولسا، شۇ تەرەپتە تۇرۇشقا چاقىرىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شھېھىت بولغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز، جانجىگەر قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈرىمىز .»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر