ئەردوغان پرەۋەزە دېڭىز زەپىرىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس ەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ دېڭىزلاردىكى ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىنى قوغداشنى كۈچلۈك ئىرادە ۋە تەۋرەنمەس ئېتىقاد بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1497669
ئەردوغان پرەۋەزە دېڭىز زەپىرىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان «پرەۋەزە دېڭىز زەپىرىنى خاتىرىلەش ۋە دېڭىز ئارمىيەسى كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

ئەردوغان، 1538 – يىلىدىكى پرەۋەزە دېڭىز ئۇرۇشىدا بارباروس ھايرەتتىن پاشا قوماندانلىقىدىكى ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەھلى سەلىپ دېڭىز ئارمىيەسى ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسىنىڭ، تۈرك دېڭىزچىلىق تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

پرەۋەزە دېڭىز زەپىرى بىلەن ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ۋە تۈركىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان، «تارىخ، دېڭىزچىلىرىمىز ھۆكۈمرانلىق قىلغان بارلىق دېڭىزلاردا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئادالەتنىڭ ھۆكۈمران بولغانلىقىنى خاتىرىلىدى. پرەۋەزە دېڭىز زەپىرىگە ئوخشاش قانچىلىغان شانلىق غەلىبىلەرگە تولغان ئۆتمۈشكە ئىگە دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ ئۆزى ۋارىسلىق قىلغان بۇ ئۇلۇغ مىراسنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىگە يەتكۈزۈۋاتقانلىدىن پەخىرلىنىمىز» دېدى.

يېقىنقى مەزگىللەردە دۇنيادا، ۋە بولۇپمۇ ئاقدېڭىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ، ئۇلارغا ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاش دېڭىزدىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلغان ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «كۆك ۋەتىنىمىزنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، دېڭىز – ئوكيانلاردىكى ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىمىزنى قوغداشنى كۈچلۈك ئىرادە ۋە تەۋرەنمەس ئېتىقاد بىلەن داۋاملاشتۇرماقتىمىز. بۈگۈننىڭ دۇنياسىدىكى مىللىي ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتىنى لايىھەلەيدىغان، قۇرالايدىغان ۋە قوغدىيالايدىغان 10 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كۆك ۋەتىنىمىزنى قوغداش، دوستلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ھەقلىرىمىزگە نەزىرىنى سالغانلارنى چېكىندۈرۈش ئۈچۈن دېڭىز ئارمىيىمىزنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر