گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

ئىزمىرنىڭ چەشمە ناھىيەسىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 10 كۆچمەن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1496996
گىرېتسىيە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلىغان مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى بايانات بېرىپ، چەشمە ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغاندىن كېيىن سۈنگۈكايا ئارىلىغا چىققانلىقى ئېنىقلانغان 10 كۆچمەننىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئۇتقۇردى.

قۇرۇقلۇققا ئېلىپ كېلىنگەن كۆچمەنلەر ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر