تۈركىيە «ياۋۇز» ئۈچۈن ناۋتېكس ئېلان قىلدى
تۈركىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «ياۋۇز» ناملىق تەتقىقات پاراخوتى ئۈچۈن يېڭى ناۋتېكس (دېڭىزچىلارغا ئۇقتۇرۇش) ئېلان قىلدى.
1491815
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېڭى ناۋتېكس ئارقىلىق، ياۋۇزنىڭ رايوندىكى تەتقىقات پائالىيەتلىرىنىڭ مۇددىتى 12 – ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتىلدى.
تەتقىقات پائالىيەتلىرىگە، «ئەرتۇغرۇل بەگ»، «ئوسمان بەگ» ۋە «ئورھان بەگ» ناملىق پاراخوتلارمۇ قاتناشماقتا.