شەنتوپ باكۇنىڭ ئىشغالدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنىڭ 102 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ، ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇنىڭ ئەرمەنى ۋە بولشېۋىكلار ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ 102 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

1491555
شەنتوپ باكۇنىڭ ئىشغالدىن قۇتقۇزۇلغانلىقىنىڭ 102 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستاپا شەنتوپ تۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق تارقاتقان تېلېگراممىسىدا، «نۇرى پاشا قوماندانلىقىدىكى كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى، 1918 – يىلى 15 – سېنتەبىردە باكۇنى ئەرمەنى ۋە بولشېۋىك ئىشغالىدىن قۇتقۇزغانىدى. تۈركىيە – ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقىنىڭ نىشانىسى بولغان بۇ ھادىسەنىڭ 102 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نۇرى پاشا قاتارلىق ئېزىز شېھىتلىرىمىزنى سېغىنىش ۋە مىننەتدارلىق ئىچىدە ئەسلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شەنتوپ ئۇچۇرىدا يەنە، «102 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە نۇرى پاشا قوماندانلىقىدىكى كاۋكاز ئىسلام قوشۇنى، ئەزەربەيجاننى ئەرمەنى شايكىلىرىنىڭ ئىشغالىدىن قۇتقۇزدى. ھازىرمۇ تۈركىيە ئاشۇنىڭغا ئوخشاش روھ بىلەن ئاداققىچە جانىجان ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرىدۇ. قەدىرلىك قوماندانىمىز نۇرى پاشا ۋە شېھىتلەر خىيابانىدا يېتىۋاتقان قەھرىمانلارغا، ئەزەربەيجانغا سالام. (بىر مىللەت ئىككى دۆلەت)» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر