تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن كورونا بىمارلىرىنى يۆتكەپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىدىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارلىرىنى تۈركىيەگە يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1489282
تۈركىيە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن كورونا بىمارلىرىنى يۆتكەپ كېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن ئەرجان ئايرودۇرۇمىغا بارغان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانى، 4 نەپەر كوۋىد – 19 بىمارىنى ئېلىپ تۈركىيەگە قايتتى.

9 – سېنتەبىردە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە بارغان تۇنجى جىددىي قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىمۇ 4 نەپەر كوۋىد – 19 بىمارىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار، 9 – سېنتەبىردە تۈركىيەنىڭ قىبرىستىكى كوۋىد – 19 بىمارلىرىنى تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەپ داۋالاشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتايمۇ 27 – ئاۋغۇستتا بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سەھىيە سىستېمىسىغا كىچىككىنە بولسىمۇ يۈك پەيدا بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئېشىپ كەتكەن تەقدىردە، بىمارلارنىڭ تۈركىيەدىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر