تۈركىيە: ئەرەب ئەللىرى ئىتتپاقىنىڭ قارارلىرىنى رەت قىلىمىز

تۈركىيە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 9 – سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1488233
تۈركىيە: ئەرەب ئەللىرى ئىتتپاقىنىڭ قارارلىرىنى رەت قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك كۈنتەرتىپلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى يوشۇرۇش مەقسىتىدە، تۈركىيەگە قارىتا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دەلىل – ئىسپاتسىز بوھتانلىرىنى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ 9 – سېنتەبىر كۈنى چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىمۇ كۈنبتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكلىرى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «بۇ يىغىندا، دۆلىتىمىز توغرۇلۇق چىقىرىلغان قارارلارنى پۈتۈنلەي رەت قىلىمىز. دەرۋەقە، بۇ قارارلارنىڭ ئىناۋەتكە ئالغۇدەك ھېچقانداق بىر تەرىپى يوقتۇر. ھالبۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەرەب ئەللىرىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، سىياسىي بىرلىكى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى، بۇ قارارلارنىڭ چىقىرىلىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى سۇيىقەستلىك پىلانلارنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە. سۈرىيەنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ۋە ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تەھدىت سالغان تېررورچىلارنى قوللىغان، يەمەننىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان، لىۋىيەدە ھەربىي ئىساينچىلارنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان، سۇداندا تەكرار مۇقىملىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ خەۋپكە ئىتتىرگەن، قىسقىسى، ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە سەۋەب بولۇۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە، بۆلگۈنچى گۇرۇپپىلارغا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا ياردەم بېرىۋاتقان مەلۇم ھاكىمىيەتلەرنىڭ  ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىماي، تۈركىيە رايوندا مۇقىملىق ۋە ھۇزۇرنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ئىجابىي پوزىتسىيەسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.»

باياناتتا يەنە، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ پەلەستىن داۋاسىنى يوققا چىقىرىۋاتقانلىقى، پەلەستىندىكى ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈم تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئورتاق ئەرەب پوزىتسىيەسى تۇتۇش تەسشەببۇسىغا زىيانكەشلىك قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ھەققىدە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قارار چىقىرىشىغا تسقۇنلۇق قىلىشىنىڭ، ئەرەب خەلقلىرى تەرىپىدىن ئىبرەت نەزىرى بىلەن كۆزىتىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى، يەنە بىر قېتىم، دۆلىتىمىزگە قارشى دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتۇۋاتقان بىر قىسىم ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، رايوندا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئورنىتىلىشىغا قارىتا ئىجابىي رول ئويناشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر