دائېشنىڭ ئاتالمىش دىيارباقىر مەسئۇلى قولغا چۈشتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش دىيارباقىر ۋىلايىتى مەسئۇلى نىھات تۇران قولغا چۈشتى.

1486935
دائېشنىڭ ئاتالمىش دىيارباقىر مەسئۇلى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش بۆلۈمى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئۈستىدىن «قوراللىق تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» جىنايىتى سەۋەبلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ۋە 6 يىل 3 ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش دىيارباقىر ۋىلايىتى مەسئۇلى نىھات تۇران تۈنۈگۈن قولغا چۈشكەن.

مەركەز قاياپىنار ناھىيەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئىش ئورنىدا قولغا چۈشكەن تۇراننىڭ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر