«يۇقۇم مەزگىلىدە سەھىيە سىستېمىمىز ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىزنىڭ ۋەيران بولۇشىغا يول قويمىدۇق»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە تۈركىيەنىڭ نە سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، نە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىغا يول قويمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1486352
«يۇقۇم مەزگىلىدە سەھىيە سىستېمىمىز ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىمىزنىڭ  ۋەيران بولۇشىغا يول قويمىدۇق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان، بەشتەپە خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيەنىڭ سۇغۇرتا قۇرۇلمىسىنى تونۇشتۇرۇش» مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ سۇغۇرتا قۇرۇلمىسىنىڭ، بىر – بىرىنى تاماملايدىغان دۆلەت سەرمايىلىك 6 داڭلىق ئورگىنىمىزنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈشى، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ ۋە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ ساھەگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قازاندۇرىدۇ. سۇغۇرتا قۇرۇلمىمىزنىڭ، سۇغۇرتا ساھەمىزنى يەر شارى خاراكتېرلىك رىقابەتتە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشىگە تىلەكداشمەن.»

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچى توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان مۇنداق دېدى: «يۇقۇم باسقۇچىغا كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەييارلىقسىز ھالەتتە دۇچ كەلدى. ماددىي جەھەتتىن بىزدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق ئېھتىياجىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. دۇنيا ھېچبىر نەرسە بۇرۇنقىدەك بولمايدىغان يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويدى.»

يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆلچەرلىرىگە تۆۋەنلەش خاراكتېرلىك تۈزىتىشلەرنىڭ كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىدىن تەۋرىنىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىزنىڭمۇ <ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىنىڭ سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىمىز راس، ئەمما باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بىز يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.»

پۈتكۈل دۇنيادا مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى توختاپ قالغان مەزگىلدە، مەبلەغ سېلىشنى تېزلىتىپ، تۈركىيەنىڭ  ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قايتىدىن ئىزىغا چۈشۈرگەنلىكلىرىنى قەيت قىلغان ئەردوغان،  «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ يېڭى پۇرسەت پەنجىلىرىنى ئاچقانلىقىنى، بۇ ئۆتكەلدىن، باشقا ساھەلەر بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادنىمۇ قۇدرەت تاپقۇزغان ھالدا  ئۆتىدىغانلىقلىرىنىمۇ  سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر