ئەردوغان سەرراجنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەرراجنى قوبۇل قىلدى.

1485757
ئەردوغان سەرراجنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ۋە ئىككى سائەت 35 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەنىڭ قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل قوللىشى، لىۋىيەدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يولىدا تاشلىنىدىغان دىپلوماتىك قەدەملەر ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش، ھەمدە شەرقىي ئاقدېڭىزدا ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر