تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.

1485240
تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىقى بايانات بېرىپ، شېھىت يۈز بېشى جەنگىز توپەل ئاقدېڭىز قۇيۇنى مانېۋىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىنڭ ئىشتىراك قىلىشى ئارقسىىدا 6 – سېنتەبىردىن 10 – سېنتەبىرگىچە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 مانېۋىر تۈركىيەنىڭ ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بىرلەشمە ئەمەلىي ھۇجۇم، ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش، جەڭ مەزگىلىدە ئىزدەش – قۇتقۇزۇش ۋە بىرلا ۋاقىتتا باتالىيون كۈچلىرى مانېۋىرلىرى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

باياناتتا، ھەر يىلى پىلانلىق شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مانېۋىرنىڭ قىبرىس تۈرك تىنچلىق قىسىملىرى قوماندانلىقى بىلەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى قوماندانلىقى ئارا ئۆزئارا مەشىق، ھەمكارلىق ۋە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر