ئەردوغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روبېرت سپانونى قوبۇل قىلدى.

1484512
ئەردوغان ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدلىيە مىنىستىرى ئابدۇلھامىت گۈلمۇ ئىشتىراك قىلغان ۋە 45 مىنۇت داۋاملاشقان ئۇچرىشىشتىن كېيىن، سپانو تۈركىيە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى زۈھتۈ ئارسلان بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئارسلان، ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىدىكى ئۇچرىشىشتا، ماي ئېيىدا ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلانغان سپانونى تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئۇنى تۈركىيەدە كۆرگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

سپانو، كېيىنچە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان. شەنتوپ بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەھكىمىسى دۇچ كېلىۋاتقان ۋە بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان ئىش يۈكى قاتارلىق قىيىنچىلىقلاردىن خەۋىرىمىز بار. بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن تۈركىيە زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر