ئەردوغان بارزانىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى نەچىرۋان بارزانىنى قوبۇل قىلدى.

1484978
ئەردوغان بارزانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە يېپىق ھالەتتە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىش بىر سائەت 15 مىنۇت داۋاملاشتى. مەزكۇر ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ نەچىرۋان بارزانى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرغانىدى.

ئۇچرىشىش توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسىدا مەلۇمات بەرگەن چاۋۇشئوغلۇ، «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باشلىقى نەچىرۋان بارزانى ۋە ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى كۈتۈۋالدۇق. پ ك ك غا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش قاتارلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىمىز توغرىسىدا سۆزلەشتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر