چاۋۇشئوغلۇ: گىرېتسىيە دىيالوگ ئورنىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسەچىلىكى مەسىلىسىدە يالغان ئېيتىپ، دىيالوگ ئورنىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1484840
چاۋۇشئوغلۇ: گىرېتسىيە دىيالوگ ئورنىتىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاۋۇشئوغلۇ، پايتەخت ئەنقەرەدە كۈنتەرتىپ ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى سۈركىلىش توغرۇلۇق شەرتسىز سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى گىرېتسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ قوبۇل قىلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگنى يالغانغا چىقىرىشى تولىمۇ ئىبرەتلىك ئىشتۇر. بۇ نۇقتىدا يالغان ئېيتۋاتقان تەرەپ باش كاتىپ ئەمەس، ئەكسىچە گىرېتسىيەدۇر. گىرېتسىيە بۇ ئارقىلىق دىيالوگ ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى.»

تۈركىيەنىڭ ھەردائىم دىيالوگ تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ھەقلىق بولغان تەەرەپ ھەرگىزمۇ دىيالوگ ئورنىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ. دەرۋەقە، گىرېتسىيە ھەقلىق ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. گىرېتسىيە بارلىق ھەق – ھوقۇقلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشىمىزنى كۈتۈۋاتقان بولسا، گىرېتسىيەنىڭ بۇ ئارزۇسى ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ. گىرېتسىيەنىڭ ھەقلىق ئەمەسلىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىگىمۇ ئايان، ئەلۋەتتە.»

تۈركىيەنىڭ بىردىنبىر نىشانىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى جان تىكىپ قوغداش بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىدا كۆزى يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەدىن ئوچۇق - ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى، گىرېتسىيەنى ئەڭ كۆپ كۈشكۈرتكۈچى دۆلەت فىرانسىيەدۇر. بۇنداق قۇتراتقۇلۇق قىلىشنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى يوقتۇر. بۇ پوزىتسىيەسى فىرانسىيەنىمۇ كۈلكىلىك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر