دائېشنىڭ ئاتالمىش تۈركىيە مەسئۇلى قولغا چۈشتى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش تۈركىيە ئىشلىرى مەسئۇلى تۇتۇلدى.

1482708
دائېشنىڭ ئاتالمىش تۈركىيە مەسئۇلى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنى تەبرىكلىدى ھەمدە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «دائېشنىڭ ئاتالمىش تۈركىيە ئىشلىرى مەسئۇلى، مۇھىم پىلانلار نەتىجىسىدە تۇتۇلغاندىن كېيىن، قولغا ئېلىندى. مەھمۇد  ئۆزدەن ئىسىملىك دائېشچىنىڭ ئۆيىدە ۋە باشقا جايلاردا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاختۇرۇشلاردا، دىگىتال ماتېرىياللار ۋە كومپىيۇتېر قولغا چۈشۈرۈلدى. مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇ، داۋاملىق ئىراق ۋە سۈرىيەدىن يوليورۇق ئالغان بولۇپ، 10 – 12 كىشىلىك گۇرۇپپىلارنى تەشكىللەش ئارقىلىق تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر