بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 36 كىشى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن 36 كىشى قازا قىلدى.
1481014
![بۈگۈن تۈركىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن 36 كىشى قازا قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/1e0a/dacc/6577/5f1d1c732dae5.jpg?time=1718359689)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 36 نەپەر ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىمارى قازا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان قازا قىلغانلار سانى 6 مىڭ 245 كە يەتتى.
بىر كۈن ئىچىدە 107 مىڭ 814 كىشى تەكشۈرۈلدى، بۇلاردىن 1 مىڭ 517 كىشىدە ۋىرۇس بايقالدى.
مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان 1 مىڭ 17 كىشى بىلەن قوشۇلۇپ، ساقايغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 241 مىڭ 809 كىشىگە يەتتى.