چاۋۇشئوغلۇ: (گىرېتسىيەگە قارىتىپ) بەزى دۆلەتلەرنىڭ يەل بېرىشى بىلەن ئۆزىڭىزنى خەتەرگە ئىتتىرمەڭ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ: «شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنى كۈچەيتكەن بىز ئەمەس، گىرېتسىيەدۇر ۋە جەنۇبىي قىبرىس  رۇم ھاكىمىيىتىدۇر» دېدى.

1479271
چاۋۇشئوغلۇ: (گىرېتسىيەگە قارىتىپ) بەزى دۆلەتلەرنىڭ يەل بېرىشى بىلەن ئۆزىڭىزنى خەتەرگە ئىتتىرمەڭ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە، «(گىرېتسىيەگە قارىتىپ) بۇ كۆرەڭلەشلەردىن ۋاز كېچىڭ. بەزى دۆلەتلەرنىڭ يەل بېرىشى بىلەن ئۆزىڭىزنى خەتەرگە ئىتتىرمەڭ» دەپ چاقىرىقتا بولدى.

چاۋۇشئوغلۇ: «ئەگەر خاتا قەدەم تاشلىسىڭىز، بۇ قېتىم قولىمىزدىن بىرەر ھادىسە چىقمىغاندىمۇ، نېمە كېرەكلىك بولسا شۇنى قىلىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

«گىرېتسىيە ئۆزىنى تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالدىغا ئېتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ئالدانمىسۇن. بىز قوشنىمىز، بىز ھەققانىي ھەمبەھىرلىشىشنى بىلىمىز» دېدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس بولسا، «(شەرقىي ئاقدېڭىز) دا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشى نە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا، نە گېرېتسىيەگە، نە تۈركىيەگە پايدىلىق ئەمەس. بىز شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى خەتەرلىك ئەھۋالنى مۇزاكىرە قىلدۇق. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا ئەمەس، بەلكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش. ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك» دېدى.

ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغىمۇ، گىرېتسىيەگىمۇ  ۋە تۈركىيەگىمۇ پايدىلىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن گېرمانىيە مىنىستىرى مائاس، «بۇ مەسىلە دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل بولىدۇ. بۇ يەردە سۆھبەتلىشىش نىيىتى بار، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە سىياسىي شارائىت ھازىرلىنىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر