ئەردوغان ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1477387
ئەردوغان ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ پەلەستىننىڭ ھەققانىي داۋاسىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەھمەد ئابباس، قارادېڭىزدا ناھايىتى چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەردوغاننى تەبرىكلىدى، ھەمدە تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ پەلەستىننىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر