لىۋىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خەلقئارا قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئىگە لىۋىيە ھۆكۈمىتى شەرقىي ئاقدېڭىز مەسىلىسىدە تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1476283
لىۋىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا تۈركىيەنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە دۆلەت ئالىي كېڭىشىنىڭ باشلىقى خالىد ئەل مىشرى شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى بويىچە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا بايانات بەردى.

ئۇ مىسىر بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ لىۋىيە ۋە تۈركىيە كېلىشىمىگە قارشى بىر كېلىشىم. ناھايىتى ئېنىق دەيمىزكى، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كىچىك ئاراللار بىلەن سېلىشتۇرالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. مىسىر بىلەن گىرېتسىيەنىڭ قانۇنسىز تەلەپلىرىنىڭ قارشىسىدا قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز» دېدى.

ئۇ ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشتا، خەلقئارالىق قانۇن رامكىسىدا ۋا تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «بۇ ئىشنىڭ ئارقىسىدا بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ بار. ياۋروپا دۆلەتلىرى رايوندا كۈچلۈك بىر تۈركىيەنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ. بىز تۈركىيەنى قوللايمىز» دېدى.

ئۇ لىۋىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ پەقەت مۇداپىئە ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى قانۇنسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ھافتەر بىلەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن تاماملانمىغان نۇرغۇن لايىھەلەرنى تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر