ئالتۇن «مىللىي ئىرادە» گە ھۆرمەت قىلىنىشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن «مىللىي ئىرادە» گە ھۆرمەت قىلىنىش توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى.

1475357
ئالتۇن «مىللىي ئىرادە» گە ھۆرمەت قىلىنىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئۆكتىچىلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنت نامزاتى جو بايدننىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار باياناتلىرىغا قارىتا پوزىتسىيەسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە، <قانداق بولۇشىدىن  قەتئىينەزەر (جۇمھۇر رەئىس) ئەردوغان ھاكىمىيەتتىن ئايرىلسۇن> كېسەللىكىدۇر. بىزنىڭ چاقىرىقىمىز، <مىللىي ئىرادە> گە ھۆرمەت قىلىنىشىدۇر.»

جو بايدىننىڭ دېكابىر ئېيىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەدە ئۆكتىچىلەرنى قوللاپ، ھۆكۈمەتنى ئالماشتۇرالايدىغانلىقلىرىغا دائىر بىمەنە ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر