ئىبراھىم كالىن جو بايدېنغا تىۋىتتېر ھېسابىدىن قاتتىق جاۋاپ قايتۇردى

جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن، ئامېرىكانىڭ پرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىننىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى باياناتلىرىنىڭ جاھالەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ئىككى يۈزلەمچىلىكنى ئاساس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

1473785
ئىبراھىم كالىن جو بايدېنغا تىۋىتتېر ھېسابىدىن قاتتىق جاۋاپ قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋەرى: جۇمھۇر رەئىس باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بايدېننىڭ تۈركىيەگە قاراتقان سۆزلىرىگە تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئىنگلىزچە ئىنكاس قايتۇردى.

ئىبراھىم كالىن «بايدېننىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى باياناتى پۈتۈنلەي جاھالەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ئىككى يۈزلەمچىلىكنى ئاساس قىلىدۇ. تۈركىيەگە بۇيرۇق چۈشۈرگىلى بولىدىغان كۈنلەر ئۆتۈپ كەتتى. لېكىن ھازىرمۇ شۇنى سىناپ باقالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشەنسىڭىز، قېنى ئەمىسە كىلىڭ، بەدەلىنى چوقۇم تۆلەيسىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر