ئەردوغان مادۇرو بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋېنېسۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1473316
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – ۋېنېسۇئېلا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتە ۋە ھەمكارلىق ھەم ماس قەدەمدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان قەدەملەرنى تاشلاش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.