ئەردوغان: بىز 150 دۆلەت ۋە 6 خەلقئارالىق ئورگانغا تىببىي ياردەم قىلدۇق

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) يۇقۇمى مەزگىلىدە بو 150 دۆلەت ۋە 6 خەلقئارالىق ئورگاننىڭ تىببىي ئەسلىھە ياردەم تەلىپىنى تۈركىيەنىڭ قاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

1469986
ئەردوغان: بىز 150 دۆلەت ۋە 6 خەلقئارالىق ئورگانغا تىببىي ياردەم قىلدۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كوجائىلى ئۇنىۋېرسىتېتى سەھىيە مۇئەسسىسەلىرى ۋە تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان يۇقۇم مەزگىلىدە سەھىيە ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغلەرنىڭ قىممىتى ياخشى بىلىنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، «دوختۇرخانا شەھەرلىرىمىز يۇقۇم مەزگىلىدە بىزگە ئەڭ كۆپ پايدىلىق بولغان ۋە بىزنى پەخىرلەندۈرىدىغان سەھىيە مۇئەسسىسەلىرىمىزگە ئايلاندى. بىز ھېچبىر پۇقرامىزنى دوختۇرخانا ئىشىكىدىن قايتۇرمىدۇق، بىز ھېچقانداق بېمارنىڭ داۋالىنىشىغا سەل قارىمىدۇق» دېدى.

ئەردوغان يەنە، «بىز 150 دۆلەت ۋە 6 خەلقئارالىق ئورگاننىڭ تىببىي ئەسلىھە ياردەم تەلىپىنىمۇ قاندۇردۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر