چاۋۇشئوغلۇ: «مەن تۈرك، مەن تۈركمەن، دەيدىغانلارغا تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدۇ»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بېرۇتتا قىلغان سۆزىدە «مەن تۈرك، مەن تۈركمەن» دەيدىغان ۋە پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى خىلايدىغانلارغا تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1469597
چاۋۇشئوغلۇ: «مەن تۈرك، مەن تۈركمەن، دەيدىغانلارغا تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدۇ»
Fuat Oktay ve Mevlüt Çavuşoğlu Lübnan Cumhurbaşkanı Michel Avn.jpg
oktay çavuşoğlu.jpg
oktay çavuşoğlu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي بېيرۇت پورتىدىكى پارتلاشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان لىۋاندىكى قوللاش زىيارىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن تۈركىيەگە قايتىپ كەلدى.

مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي بىلەن بىرگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە-لىۋان پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شۇنداقلا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سىنوپ پارلامېنت ئەزاسى نازىم ماۋىشمۇ تۈنۈگۈن ئەتىگەندە پايتەخت بېيرۇتقا يېتىپ بارغان ئىدى.

فۇئات ئوكتاي پرېزىدېنت مىشېل ئاۋن بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، باش مىنىستىر ھەسەن دىياب ۋە پارلامېنت باشلىقى نەبىھ بەررى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

فۇئات ئوكتاي زىيارەت جەريانىدا، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بېيرۇت پورتى ۋە ئەتراپىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈركىيەنىڭ ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، پورت قايتىدىن دەس تۇرغۇزۇلغىچە بولغان مەزگىلدە تۈركىيەنىڭ مەرسىن پورتىنىڭ لىۋاننىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كېيىن فۇئات ئوكتاي پارتلاشتا يارىلانغان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، يارىلانغانلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئالدى. ئەگەر دوختۇرلار رۇخسەت قىلسا ئەھۋالى ئېغىر بولغان يارىلانغانلارنى تۈركىيەگە يۆتكەپ داۋالاشقا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

فۇئات ئوكتاي ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بىرلىكتە لىۋان خەلقىگە خىتاب قىلىپ، تۈركىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھالدا «بىز بىر ئائىلىنىڭ ئەزالىرىمىز» دېدى ۋە ھېچ كىشىنىڭ ئىككى دۆلەتنى ئايرىۋېتەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىىر چاۋۇشئوغلۇ قىلغان سۆزىدە، «مەن تۈرك، مەن تۈركمەن» دەيدىغان ۋە پۇقرالىق سالاھىيىتى بولمىغان شۇنداقلا پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشنى خالايدىغانلارغا تۈركىيە پۇقرالىقى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

فۇئات ئوكتاي ۋە چاۋۇشئوغلۇ لىۋانلىقلار بىلەن ئۇچرىشىشنى تاماملاپ پايتەخت ئەنقەرەگە قايتىپ كەلدى.

بېيرۇت پورتىدا 4 – ئاۋغۇستتا پارتلاتقۇچ ماددا ساقلىنىۋاتقان 12 - نومۇرلۇق ئىسكىلاتتا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئارقىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەرگەن ۋە پۈتۈن بېيرۇتنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى.

پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 158 گە يېتىپ، يارىلانغانلارنىڭ سانى 6 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر