تۈركىيە ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە، ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1469279
تۈركىيە ھىندىستانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۇبەي – كوزھىكودې سەپىرى ئۈستىدىكى ئايروپىلاننىڭ قونۇش ئەسناسىدا قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھىندىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ دۇبەي – كوزىكودې سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان IX-1344 نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قونۇش ئەسناسىدا كالىكۇت ئايرورۇدۇمىغا قونۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن قازادا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىدىن قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، «ھىندىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىدارلارغا تېز شىپالىقلار تىلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر