تۈركىيە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەگە قارشى نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يول قويمايدۇ

تۈركىيە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەگە قارشى نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى

1466643
تۈركىيە ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەگە قارشى نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا يول قويمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستاپا شەنتوپ ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن ئەزەربەيجان پارلامېنتى رەئىسى غافاروۋاغا تېلېپۇن قىلدى ۋە يېقىنقى مەزگىلدىن  بۇيان ئەرمېنىيەنىڭ قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا قارشى تۈركىيەنىڭ ئەزەبەيجاننى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇستاپا شەنتوپ ئۆز-ئارا ھېيت تەبرىكلەشكەندىن كېيىن، ئەرمېنىيەنىڭ قانۇنغا پىسەنت قىلماستىن ئېلىپ بارغان يېقىنقى ھۇجۇملىرىغا قارشى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۆزىنىڭمۇ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۈركىيە-ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقىنى دۇنياغا ئەڭ كۈچلۈك بىر شەكىلدە كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇستاپا شەنتوپ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەلىرىنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ  تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنىڭ كونكېرت ئىپادىسى بولغانلىقىنى تەكىتلەندى.

ئەرمېنىيە ئېلان قىلغان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى ھۆججىتى تەرەپكىمۇ دىققەتنى تارتقان مۇستاپا شەنتوپ، مەزكۇر ھۆججەتتە ھەم ئەزەربەيجانغا ھەم تۈركىيەگە قارشى دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلغانلىقىنى، ئاساسسىز دەۋالىرىنى تەكرارلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەگە قارشى بۇ ئەمەللىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا  قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.

ئەزەربەيجان پارلامېنتى رەئىسى غافاروۋامۇ ئەرمېنىيەنىڭ پەقەت قاراباغدىلا بىر ھۇجۇم نىشانى يوقلىقىنى، بەلكى تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك پىلانلىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە-ئەزەربەيجان قېرىنداشلىقى پەقەت ئەرمېنىيەگىلا قارشى ئەمەس، بەلكى  پۈتكۈل دۇنياغا قارشى قېرىنداشلىقتۇر» دېدى.

تۈرك دۇنياسىنىڭ بېشىدا تۈركىيەنىڭ تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن غافاروۋا، بۇ بىرلىك ۋە قېرىنداشلىقنىڭ ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سۆھبەتتە ھەر ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتلىرىنىڭ نىيەتلىرىنىڭ بىر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر