شەنتوپ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ  پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن ھېيتلاشتى

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ تۇنىس، قازاقىستان، جىبۇتى، ئالجىرىيە پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھيېتلاشتى.

1465800
شەنتوپ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ  پارلامېنت باشلىقلىرى بىلەن ھېيتلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، شەنتوپ، ئالدى بىلەن، تۇنىس پارلامېنت باشلىقى راشىد ئەلغەننۇشى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. تېلېفون سۆھبىتىدە،  شەنتوپ قۇربان ھيېتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ۋە ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، ھەمدە غەننۇشىنىڭ قۇربان ھيېتىنى تەبرىكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇنىستىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى، قوشنا لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، تۇنىسنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت تۇنىس خەلقىنىڭ ھەمىشە يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

تۇنىس پارلامېنت باشلىقى غەننۇشىمۇ تېلېفون سۆھبىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن: «قېرىنداش دۆلەت تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

شەنتوپ كېيىنچە قازاقىستان پارلامېنت باشلىقى مائۇلېن ئاسىمبايېۋ، جىبۇتى پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ئەلى ھامىد ۋە ئالجىرىيە پارلامېنت باشلىقى سۇلايمان شېنىن قاتارلىقلار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھيېتلاشقان.

رەھبەرلەر قۇربان ھيېتقا مۇناسىۋەتلىك ئارزۇ –ئارمانلىرىنى ئىپادىلەشكەن تېلېفون سۆھبەتلىرىدە،  دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر