جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پىرېزىدېنت پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
1462874
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تۈركىيە – رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرى مۇھاكىمە قىلىنغان، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە سوغۇقچىلىقى، سۈرىيە ۋە لىۋىيە مەسىلىلىرى قاتارلىق رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.
ئىككى رەھبەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىق ۋە دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.