لىۋىيە تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپىرىنى باشلىدى

لىۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر رامكىسىدا تۆت ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان توختىتىپ قويۇلغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى، تۈركىيەگە قىلغان ئايروپىلان سەپىرى بىلەن قايتىدىن باشلىدى.

1462467
لىۋىيە تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا مىسراتە ئايرودۇرۇمى تۈركىيەگە ئايروپىلان سەپىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مىسراتە ئايرودۇرۇمىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا، لىۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تەييارلىغان تىزىملىك بويىچە تۇنجى ئايروپىلان سەپىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى، تۇنجى سەپەرنىڭ تۈركىيەگە قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئىككىنچى قېتىملىق ئايروپىلان سەپىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ «ئافرىقىيا» ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانىنىڭ سەپەر تەييارلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى رامكىسىدا، 2020-يىلى جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان بولۇپ، قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا يولى تەۋەلىكلىرىنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر