دېڭىزدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان چەت ئەللىك مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 28 مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1461573
دېڭىزدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان چەت ئەللىك مۇساپىرلار قۇتقۇزۇۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغان 28 مۇساپىر، تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى.

گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىدىن تەشكىل تاپقان مۇساپىرلارنىڭ كامېر كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ چاناققەلئەنىڭ ئايۋاجىك ناھىيەسى دېڭىز ساھىلىدىن ئەگە دېڭىزىغا قاراپ يولغا چىققانلىقى، گىرېتسىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى خادىملىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېنىقلانغاندى.

تۈركىيە دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى قوماندانلىقى خادىملىرى، سىۋرىجە بۇرنۇ دېڭىز تەۋەلىكىدە قىيىن ئەھۋالدا قالغان 28 كېمىلەرگە چىقىرىپ، ئايۋاجىك ناھىيەسىگە قاراشلىق كۈچۈكقۇيۇ بازىرىدىكى دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئەسى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر