ئاياسوفيا جامەسى ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندە ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلدى

ئاياسوفيا جامەسى بۈگۈن (2020-يىلى 24-ئىيۇل) ئوقۇلغان جۈمە نامىزى بىلەن، ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندە قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلدى.

1461388
ئاياسوفيا جامەسى ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندە ئىبادەتكە ئېچىۋېتىلدى
erdogan.jpg
ali erbas.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىفكە كەلدى.

ئۇ جۈمە نامىزىدىن بۇرۇن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل كىسىكلىدىكى ئۆيىدىن چىقىپ سائەت 12:00 ئەتراپىدا ئاياسوفيا مەيدانىغا يېتىپ كەلدى. ئۇ مەيداندا كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشلىرى بىلەن قارشى ئېلىندى.

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش تەرىپىدىن قارشى ئېلىندى ۋە جامەگە ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىف تەرەپتىن كىردى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى مۇستافا شەنتوپ، مۇئاۋىن جۇھمۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ باشلىقى دەۋلەت باغچەلىمۇ ئاياسوفيا جامەسىگە كەلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئورۇنلاشتۇرغان پىروگراممىدا، قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىنى ئاڭلىدى.

ئاياسوفيا جامەسىنىڭ تۆت مۇئەززىنى جامەنىڭ تۆت مۇنارىدا سالات ئوقۇدى. ئەردوغان مۇنارلاردىن جاراڭلىغان سالاتلاردىن كېيىن، سۈرە فاتىھەنى ۋە سۈرە بەقەرەنىڭ ئالدىنقى بەش ئايىتىنى ئوقۇدى.

جامائەت دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباشقا ئەگىشىپ دۇئا قىلدى.

ئەلى ئەرباش سۈننەت نامىزىدىن كېيىن، خۇتبە ئوقۇدى.

ئۇ خۇتبىدە: «خەلقىمىزنىڭ چوڭقۇر يۈرەك يارىسىغا ئايلانغان ھەسىرىتى ئاخىرلاشتى، ئەلىھەمدۇلىللاھ. ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى مەسجىدى ئەقسا بىلەن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەھزۇن مەسجىدلەرنىڭ ۋە مەزلۇم مۆئمىنلەرنىڭ جان سۈيىگە ئېرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىشىكلىرى، باشقا جامەلىرىمىزنىڭكىگە ئوخشاش، ئايرىمىچىلىق قىلىنماستىن ئاللاھنىڭ بارلىق قۇللىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. ئاياسوفيا جامەسىنىڭ مەنىۋى ئاتموسفېراسىدا ئېتىقادقا، ئىبادەتكە، تارىخقا ۋە تەپەككۇرغا سوزۇلغان يولۇچىلق، ئىنشائاللاھ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ» دېدى.

ئۇ خۇتبىدىن كېيىن پەرز نامىزىدا ئىماملىق قىلدى.

ئاياسوفيا جامەسىنىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدىمۇ قىزىق تېمىغا ئايلاندى ۋە ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلار تۋىتتېردا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

جامەنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدىن باشقا تاراتقۇ مۇنبەرلىرىدە نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

پىروگرامما، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەخسىي تۋىتتېر ئادرېسىدا ۋە ئاياسوفيائى كەبىر جامىئى شەرىف نامى ئاستىدا ئېچىلغان تۋىتتېر ئادرېسلىرىدا تارقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر