شىمالىي ئىراقتا ئىككى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 2 تېررورچى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
1460203
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر نەتىجىسىدە، خاكۇرك رايونىدا ئورنى ئېنىقلانغان پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىتەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.