ئاياسوفيانى ئىبادەتكە ئېچىش پىروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى

ئاياسوفيا جامەسى ئارىدىن 86 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 24 – ئىيۇل جۈمە كۈنى ئىبادەتكە ئېچىلىدۇ.

1457035
ئاياسوفيانى ئىبادەتكە ئېچىش پىروگراممىسىنىڭ تەپسىلاتى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامەنىڭ قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلىشى جەريانىدا ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىنىدۇ، ئاندىن نامازغا تۇرۇلىدۇ.

كوۋىد – 19 تەدبىرلىرى دائىرىسىدە جامەنىڭ ئىچىگە ئاز ساندا ئادەمنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ. جامەنىڭ سىرتىدا بولسا، جامائەت ئىجتىمائىي ئارىلىقنى ساقلاش تۈزۈمىگە رىئايە قىلغان ھالدا ناماز ئۆتىيەلەيدۇ؛ نامازغا دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى باشلىقى ئەلى ئەرباشنىڭ ئىمام بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

خەلق سۇلتان ئەھمەد مەيدانىدىمۇ ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلالايدۇ؛ مەيدانغا كەلگەن جامائەتكە ماسكا، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ۋە جايناماز تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

ئىستانبۇل ۋالىيلىق مەھكىمىسىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا ئېچىلىش كۈنى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلدى. چىقىرىلغان قارارغا ئاساسەن، 24 – ئىيۇلدا سۇلتانئەھمەد مەيدانى ۋە ئەتراپىدا ئامانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ تاقىۋېتىلىدۇ. يولغا ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىشىگە يوق قويۇلمايدۇ، ترامۋاي قاتنىمايدۇ. مەيداندا 17 مىڭ ساقچى ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 10 – باشقارمىسى، ئاياسوفيانىڭ جامەدىن مۇزېيغا ئۆزگەرتىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك 1934 – يىلى 24 – نويابىردا چىقىرىلغان ئىچكى كابىنىت قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى؛ مەھكىمىنىڭ بۇ قارارىغا ئاساسەن ئاياسوفيادا ئىبادەت قىلىشنىڭ يولى ئېچىلغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «تەييارلىقلارنى سۈرئەت بىلەن تاماملاپ، 2020 – يىلى 24 – ئىيۇل جۈمە كۈنى جۈمە نامىزى بىلەن بىرلىكتە ئاياسوفيانى ئىبادەتكە ئېچىشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر