چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيە، ئېفىيوپىيە، بېلارۇسىيە، مولداۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1456562
چاۋۇشئوغلۇ بىر قاتار دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو مائاس بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەر، مىنىستىر مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ گېرمانىيەلىك مەنسەپدېشى مائاس بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى؛ بىراق سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە ئېفىيوپىيە باش مىنىستىرى ئابىي ئەھمەدنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى، ئېفىيوپىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مۇلاتۇ تېشومې ۋىرتۇ بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە كۆرۈشتى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇچرىشىشى توغرىسىدا تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق مەلۇمات بېرىپ، «ۋىرتۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىمىز ئۈنۈملۈك بولدى. ئۆزئارا زىيارەتلەرنى، دىيالوگىمىزنى، سودا ۋە سېلىنمىنى ئۆز ئىچىگە بارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

چاۋۇشئوغلۇ يەنە، بېلارۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىكتور رايباك ۋە مولداۋىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دىمىترى كروئىتور قاتارلىقلارنى قوبۇل قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر